«تۈركىيە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەزلىشىدۇ»

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيەنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1093970
«تۈركىيە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەزلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى  تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى كونفېدراتسىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا چاقىرىلدى.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت بىلەن رەسمىي باشلىدى، زىياپەتكە قاتناشقان سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ۋارانك: يېڭى سىياسەتلىرىمىز تۈرتكىسىدە ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمالچى ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە ھەمكارلىق ئەنزىدىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلدۇق. دەسلەپ بۇ ئەندىزىگە ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىمىز، ئارقىدىن ئېكسپورت قىلىمىز، مىللىيلەشتۈرۈش سىياسىتىمىز دائىرىسىدە چەت ئەللىك كارخانچىلارغىمۇ شارائىت يارىتىپ بېرىمىز، دېدى.

دۇنيانىڭ ئىقتىسادى مەركىزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتقان ۋارانك، بۇ رايوندىكى كارخانچىلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلىكتە يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقرايلى، ئورتاق مەسىلىلىرىمىزگە ئورتاق چارە ئىزدەيلى، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئورۇنداشقا ۋەدە بېرىمىز. ئىشىكىمىز تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدىغان ھەر قانداق كىشىگە ئوچۇقتۇر.»

مىنىستىر ۋارانك ئىقتىسادى قىممىتى يۇقىرى بولغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەزلىشىدىغانلىقلىرىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

 


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر