ئامېرىكادا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ ئالاباما ئىشتاتىدىكى بىر سودا مەركىزىدە چىققان قوراللىق ئېتىشىشقا ئارىلاشقان بىر كىشى قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.

1093730
ئامېرىكادا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاباما ئىشتاتىدىكى سودا مەركىزىدە چىققان جېدەل، قوراللىق ئېتىشىشقا ئايلىنىپ كەتتى. ساقچى دائىرىلىرى ئالابامانىڭ خۇۋېر شەھىرىدىكى رىۋېرچېيىس گاللېرىيا (Riverchase Galleria) سودا مەركىزىدە، ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەللىشىشنىڭ، ئاخىرىدا قوراللىق ئېتىشىشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىلىنىشىچە، ئامېرىكادا بۇ مەزگىل سودا-سېتىق قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىققان ۋە تۈركىيەدە «ھەيران قالارلىق باھا چۈشۈرۈش» دەپ بىلىنىدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنلەرئىكەن.

قوراللىق ئېتىشىش جەريانىدا يارىلانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر