خىتاي كاراچى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ كاراچى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1093747
خىتاي كاراچى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە،  پاكىستان دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

3 زوراۋاننىڭ كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان گىڭ، نۆۋەتتە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى گىڭ ھۇجۇمدا ئۆلگەن پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭمۇ بۇ ھۇجۇم سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ كاراچى كونسۇلخانىسىغا تۈنۈگۈن قىلىنغان ھۇجۇمدا 2 ساقچى ئۆلدى.

كاراچى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئامىر سايىق، شەھەرنىڭ كىلىپتون 4-رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 3 ھۇجۇمچىنىڭ قورال ۋە بومبىلارنى ئېلىپ كونسۇلخانىغا كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ۋەقەنىڭ كونسۇلخانىنىڭ ۋىزا بۆلۈمىگە كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان سايىق، ۋەقە ئەسناسىدا بۇ جايدىكى كىشىلەر ۋە خىتاي خادىملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كونسۇلخانا ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئىشىكىلەرنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى دېگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر