گۋاتېمالادا بىر ئەسكەر 5130 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

گۋاتېمالادا 1982 – يىلى يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا، تەخمىنەن 200 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن قەتلىئامغا قاتناشقانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر ئەسكەر 5130 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1092973
گۋاتېمالادا بىر ئەسكەر 5130 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوت مەھكىمىسى 1982يىلى دېكابىر ئېيىدا لاس دوس ئەررېس يېزىسىدا تەخمىنەن 200 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن قەتلىئامغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 2016يىلى ئامېرىكا قايتۇرۇپ بەرگەن سانتوس لوپېز ئالونزونىڭ ئىنسىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بېكىتتى.

سوت مەھكىمىسى 66 ياشلىق ئالونزونى 5130 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئالونزو، شۇ قېتىمقى جىنايەتتە ئائىلىسى قوربان بولغان 5 ياشلىق بىر ئوغۇلنى ئېلىپ قېچىپ، ئۆزىگە بالا قىلىۋالغان ئىدى. 

لاس دوس ئەررېس يېزىسىدا، 1982يىلى دېكابىر ئىيىدا بىر گۇرۇپپا ئەسكەرلەر ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە يېزا خەلقىنى بولتا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى قۇدۇققا ئاتقان ئىدى.

گۋاتېمالادا ئامېرىكا قوللاۋاتقان ئەسكەلەر بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارى بولۇپ ئەيىبلەنگەن ۋە بۇ قەتلىئامغا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.

ئالونزو گۋاتېمالا ئارمىيىسەدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋە قەتلىئامغا قاتناشقان 3 ئەسكەر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا كەلگىنىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن ئىككىسى ھازىرمۇ ئامېرىكا تۈرمىسىدە ياتماقتا. دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان يەنە بىر ئەسكەر 6000 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۋاتېمالادا 1960يىلىدىن 1996يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتا كۆپىنچىسى يەرلىك مايالار بولۇپ، جەمئىي 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، يېزىلار يوقۇتۇلۇپ، يۈزلىگەن كىشى ئىز دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن.

گۋاتېمالادا 1982يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ 17 ئايلىق ھاكىمىيەت مەزگىلىدە، تەخمىنەن 1700 يەرلىك مايالارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 80 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىىلنغان سابىق دىكتاتورى ئەفرېين رىئوس مونتنىڭ قايتىدىن سوت قىلىنىشىغا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر