كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 49 غا يەتتى.

1091221
كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: The Butte Count رايونىنىڭ مەسئۇلى كورى ھونېئانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى پارادىسې رايونىدا 8 – نويابىردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ۋە  611 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەگە يېيىلغان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 79 غا يەتكەن، 699 دىن ئارتۇق كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، 12 مىڭغا يېقىن ئۆي، مەكتەپ، ئىش ئورنى ۋەيران بولغان، ئوت ئاپىتى.  ئىشتاتنىڭ جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىدىمۇ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 450 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبتىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان، تامامەن كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان چولپانلار  ئارىسىدا داڭلىق ئارتىس سكوت بايئو، رېژىسسور گۇللېرمو دېل تورو، reality show چولپىنى كىم كارداشىئان، ئارتىس ئالىسا مىلانو ۋە ئارتىس راين ۋىلسون قاتارلىق شەەخسلەرمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر