دانفورد: ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دانفورد ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1090575
دانفورد: ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دانفورد كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن «Halifax» بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تالىباننىڭ مەغلۇب بولمىغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تالىباننى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى كۈچەيتىشكە تىرىشقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تالىباننىڭ ھامان كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى تالىباننى مۇزاكىرىگە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق بېسىملارنى بىر يەرگە جەم قىلىش» دېدى.

گېنېرال جوسېف دانفورد ئافغانىستاندا كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە تالىبان بىلەن كېلىشىم قىلىش نۇقتىسىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن مۇساپە بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق شوراسى، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئافغانستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادنىڭ تالىبان مەسئۇللىرى بىلەن 2قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئافغانىستاندىكى چەت ئەللىك قوشۇنلارنىڭ چېكىنىشى جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر