ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىب ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۇنى قوللىغۇچى چەت ئەللىك تېررورچىلار، سوچى كېلىشىمىگە پىسەنت قىلماستىن، ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1089299
ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىب ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى چەت ئەللىك تېررورچىلار، «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى سوچى كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېغىر تىپلىق قوراللاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلماقتا.

ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى، بۈگۈن كېچە ۋە سەھەردە ھامانىڭ شىمالىدىكى لاتامنە، مارەكۋە، زىيارا ۋە سىرمانىيە يېزىلىرىغا شۇنداقلا لازىقىييەدىكى تۈركمەن تېغىغا زەمبىرەك ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 17 – سېنتەبىردە ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىدىن بۇيان ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇملىرىدا جەمئىي 25 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە پۇقرا يارىلاندى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ھەربىي ئۆكتىچىلەر كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، 10 - ئۆكتەبىردە بەلگىلەنگەن رايونلاردىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر