ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارانى پەلەستىنلىكلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇھاسىرە ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

1088872
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارانى پەلەستىنلىكلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ  غەززە خەلقىگە قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارانى پەلەستىنلىكلەرنى ھىمايە قىلىشقا چاقىردى.

مىسىرنىڭ پايتەخت قاھىرىدە دائىمىي ۋەكىللەر سەۋىيەسىدە يىغىن چاقىرغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى خىتابنامە ئېلان قىلدى.

خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مەجلىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان زوراۋنلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

خىتابنامىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت غەززەدىكى ئىگە-چاقىسىز پەلەستىنلىكلەرنى ھىمايە قىلىشقا چاقىرىلدى.

غەززەدە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە، جاۋابكارلارنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈپەيلى پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چاقىرىلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ غەززەگە نورمال بىر  ماشىنا بىلەن سوقۇنۇش كىرىشى سەۋەبىدىن، مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

غەززەنىڭ 3 كىلومېتىر ئىچكىرىسىگىچە سوقۇنۇپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھاماسقا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن بايقاپ قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقىپ 7 پەلەستىنلىك شېھىت بولۇپ، 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر