گېرمانىيەدە دىزېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىل چەكلىمىسى

گېرمانىيەدە گېلسىنكىرچېن مەمۇرىي مەھكىمىسى 2019 – يىلى ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئېسسېن ۋە گېلسېنكىرچېن شەھەرلىرىدە كونا دىزېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ چەكلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

1089003
گېرمانىيەدە دىزېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىل چەكلىمىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قارار، ئېسسېن شەھىرىدىن ئۆتىدىغان رۇھد رايونىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە مۇھىم دۆلەتلىك تاش يوللىرىدىن  A40 تاش يولىغىمۇ تەسىر كۆرسىدىكەن.

بۇ چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدىغان دىزېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلمايدىكەن.

مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ قارارى ، مەزكۇر رايونلاردا ئىنتايىن كونا بولغان Euro 4 تىپلىق دىزېل ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش 2019 – يىلى ئىيۇلدىن ئېتىبارەن، يېڭىراق بولغان Euro 5 تىپلىق دىزېل ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش 2019 – يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن مەنئىي قىلىنىدىكەن.

مەمۇرىي مەھكىمە بۇنداق قارار چىقىرىلىشىغا  زىدېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسەتكەن.

ئۆتكەن ھەپتە كۆلىن مەمۇرىي مەھكىمىسىمۇ 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن كۆلىن ۋە بون شەھەر مەركەزلىرىدە كونا دىزېل موتۇرلۇق ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە،  بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر