كالىفورنىيەدە ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى.
1087494
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن، كەم دېگەندە 9 مىڭ 200 بىنا ۋەيران بولغان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 5 مىڭ 600 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى كېچە – كۈندۈز خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.
ئىشتاتنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەيران بولغان بىنالار ئارىسىدا، شوتلاندىيەلىك داڭلىق ئاكتىيور گېراد بۇتلېر، ناخشىچى مىلېي كىرۇس، ئارتىس سكوت بايئو، رېژىسسور گۇللېرمو دېل تورو، reality show چولپىنى كىم كارداشىئان، ئارتىس ئالىسا مىلانو ۋە ئارتىس راين ۋىلسون قاتارلىق شاەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىمۇ بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.