ب د ت يەمەندىكى تەرەپلەرنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى ئۆز-ئارا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى دەرھال ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

1087311
ب د ت يەمەندىكى تەرەپلەرنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك، ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان يەمەندە، توقۇنۇش ئىچىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

لوۋكوك بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندە ئۆز-ئارا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇپ نۆۋەتتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

يەمەندىكى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن لوۋكوك، يەمەندىكى ھۇدەيدە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا توقۇنۇشلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ، چۈنكى بۇ رايونلارغا سىرتتىن ياردەم بۇيۇملىرى كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.   

يەمەندە شىئە ھۇسىي كۈچلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى قوللاپ كېلىۋاتقان يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا 3 يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، مىڭلارچە ئادەم ئۆلدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسقا سەھنە بولىۋاتقان يەمەندە، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان 14 مىليون كىشى ئاچارچىلىق خەۋپى ئاستىدا ياشىماقتا.

يەمەندە 22 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان جىددىي ياردەم ۋە قوغدىنىشقا ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرماقتا.

نۇرغۇن ساھەدە ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان يەمەندە پاكىز سۇنىڭ كەملىكى، ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ ئازلىقى، دورا-مىدېتسىنا بۇيۇملىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلى خولېرا بولۇپ بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۈندىن-كۈنگە يامراپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر