ئىران خەلقئارانى غەززەدىكى ۋەزىيەتكە مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى

ئىران، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى.

1086751
ئىران خەلقئارانى غەززەدىكى ۋەزىيەتكە مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەھرام قاسىمى باياتىدا، «قۇدۇس ئىشغالچىسى تۈزۈمنىڭ سادىر قىلىۋاتقان تېررورلۇق ۋە جىنايەت زەنجىرىلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللىشى، بەزى رايون دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى تۈپەيلى داۋاملاشماقتا» دېدى.

ئۇ، «زىيۇنىست تۈزۈمنىڭ تېررورلۇق ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق مۇداخىلە قىلىش» قا چاقىردى.

غەززەدىن يېقىن ئەتراپتىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەر رايونلىرىغا 300 دىن ئارتۇق گىرانامىيوت ئېتىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 4 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلغان، 8 كىشىنى يارىلاندۇرغانىدى.

ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان گىراناتامىيوتلار بولسا، بىر ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلۈمى، 30 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر