كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى كۆپەيمەكيە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.

1086953
كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى كۆپەيمەكيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى پارادىسې رايونىدا 8 – نويابىردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

The Butte Count رايونىنىڭ مەسئۇلى كورى ھونېئانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 13 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، ئىشتات تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتكەن، 7 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي، مەكتەپ، ئىش ئورنى ۋەيران بولغان، ئىشتاتنىڭ جەنۇبىدىمۇ شوتلاندىيەلىك داڭلىق ئاكتىيور گېراد بۇتلېر، ناخشىچى مىلېي كىرۇس، ئارتىس سكوت بايئو، رېژىسسور گۇللېرمو دېل تورو، reality show چولپىنى كىم كارداشىئان، ئارتىس ئالىسا مىلانو ۋە ئارتىس راين ۋىلسون قاتارلىق شاەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىمۇ كۆيۈپ كەتكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر