پۇتىن «ياۋروپا ئارمىيەسى» قۇرۇش پىكىرىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن پارىژغا بارغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، Russia Today France نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

1085895
پۇتىن «ياۋروپا ئارمىيەسى» قۇرۇش پىكىرىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، «ياۋروپا كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي بىرلەشمە ۋە ئىتتىپاق. شۇڭا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە مۇستەقىل ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىستىكى ناھايىتى تەبىئىي» دېدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن پارىژغا بارغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، Russia Today France نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن يېقىندا قايتىدىن تىلغا ئېلىنغان «ياۋروپا ئارمىيەسى» پىكىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا «ياۋروپا كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي بىرلەشمە ۋە ئىتتىپاق. شۇڭا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە مۇستەقىل ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىستىكى ناھايىتى تەبىئىي. بۇنى كۆپ تەرەپلىك دۇنيادا ئىجابىي بىر ئەھۋال، دەپ قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، بۇ دائىرىدە فىرانسىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ياۋروپا ئارمىيەسى پىكرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا تەڭداش ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر