كالىفورنىيە ئىشتاتىدا مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 23 كە يەتتى

كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 23 كە يەتتى.

1085438
كالىفورنىيە ئىشتاتىدا مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 23 كە يەتتى
abd california yangin2.jpg
abd california yangin1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 23 كە يەتتى.

بۇتتې رايونىنىڭ مەسئۇلى كورى ھونېرا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سان فرانسىسكونىڭ تەخمىنەن 290 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى پارادايىس ناھىيەسى ۋە ئەتراپىغا تەسىر كۆرسەتكەن دالا ئوت ئاپىتىدە 14 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە 23 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىئىررا نېۋادا تاغلىرى ئېتەكلىرىدە پەيشەنبە كۈنى باشلىغان دالا ئوت ئاپىتى، كالىفورنىيە ئىشاتى تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ كۆلەملىك دالا ئوت ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ.

شامالنىڭ تەسىرى بىلەن بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتى 404 كىلومېتىرلىق مۇساپىگىچە كېڭەيدى.

دالا ئوت ئاپىتى تۈپەيلى پارادايىس ناھىيەسىدە7000 ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، لون ئانجېلىسنىڭ غەربىدىكى مالىبۇ شەھىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن دالا ئوت ئاپىتى تۈپەيلى، ئىشاتتىكى 300 مىڭ ئادەمنى تارقاقلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇتتې، ۋېنتۇرا ۋە لوس ئانجېلىسقا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن يوليۇرۇق چۈشۈردى.

ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ مۇنداق دېدى: "كۆڭلىمىز بۇ قېتىمقى دالا ئوت ئاپىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھارماي-تالماي ئىشلەۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، تارقاقلاشتۇرۇلغان خەلقىمىز ۋە دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار بىلەن بىرلىكتە، دالا ئوت ئاپىتىدە مەيدانغا كەلگەن زىيان تولىمۇ ئېغىر، تەڭرى ھەممەيلەننى قوغدىسۇن."

تۋىتتېر ئادرېسىدا تۈنۈگۈنمۇ بۇ ھەقتە مۇنۇ مەزمۇندا ئۇچۇر يازغانىدى: "كالىفورنىيەدە بۇنچىلىك كۆلەملىك، ئېغىر ۋە قورقۇنچ دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، ھەر يىلى مىلياردلارچە دوللار زىيان كۆرۈلمەكتە، نۇرغۇن ئادەم ئۆلمەكتە، بۇ ئېغىر پاجىئەلەر ئورمانلارنىڭ ياخشى باشقۇرۇلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا دەرھال چارە تېپىلىشى كېرەك، بولمىسا بانكا بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم قىلمايدۇ."

دونالد ترامپنىڭ بۇ باياناتى قاتتىق نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر