ترامپ قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) جىنايىتى توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى ھەپتە دۆلەت مەجلىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1083782
ترامپ قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، قاشىقجىنىڭ قەتل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى ھەپتە دۆلەت مەجلىسى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سايلامدىن كېيىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ،  «بۇ مەسىلىگە ئالدىمىزدىكى ھەپتە كۈچ چىقىرىمىز، مەجلىس بىلەن قۇيۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ھەممىسى ئىقتىدارلىق كىشىلەر. تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىدە كۈچلۈك پىكىر شەكىللەندۈرۈۋاتىمەن» دېدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «ئۆلتۈرۈلگۈچى جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە ئويلىنىش رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە بىر جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر