پۇتىن - نېتانياھۇ ئۇچرىشىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1083111
پۇتىن - نېتانياھۇ ئۇچرىشىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى KAN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1918 – يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا رەسمىي خاتىمە بەرگەن «ئۇرۇش توختىتىش كۈنى» نىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان نېتانياھۇ بىلەن پۇتىننىڭ پىلانلانغان ئۇچرىشىشى، تېل ئاۋىۋ بىلەن موسكۋا لىنىيەسىدە كۆرۈلگەن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار سوغۇقچىلىقلار يۈزىسىدىن بىكار قىلىنغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ، سىنتەبىر ئېيىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلگەندى كېيىنمۇ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ موسكۋانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر خەۋەردە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق قارارىمۇ ياكى بىر تەرەپلىمە چىقىرىلغان بىر قارارمۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا ئورۇن بېرىلمىدى.

مەيلى موسكۋا، مەيلى تېل ئاۋىۋ ئۇچرىشىشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، نېتانياھۇنىڭ پۇتىن بىلەن 11- نويابىردا ئۆتكۈزۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشى بىكار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، پارىژدىكى مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلماسلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر