ئىران ئامېرىكاغا «ئىشلەپچىقىرىش»ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىرى ئامېرىكا ۋە ئېمبارگولىرىغا ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1082452
ئىران ئامېرىكاغا «ئىشلەپچىقىرىش»ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رداىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىرى، ئىراننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئېمبارگولىرىغا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسھاق جىھانگىرى پايتەخت تېھراندا سانائەت، كان بايلىقلىرى ۋە سودا مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتا يېڭى ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن جىھانگىرى، بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خەلققە سەممىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن جىھانگىرى: خەلقنى ئەندىشىگە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمىز، خەلق ئىنقىلاب ۋە دۆلەتنىڭ ھەققىي خوجايىنلىرىدۇر، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالمايمىز، ئېمبارگولارنىڭ چوقۇم تەسىرى بولىدۇ، لېكىن بىز بۇ سەلبىي تەسىرلەرنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى.

سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان جىھانگىرى مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئامېرىكانىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئېمبارگولىرىنى سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىپ تاشلايمىز.»

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جىھانگىرى ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە ئىقتىسادى جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىشنى ۋە تاشقى پېرېۋوتنى كونترول قىلىش سىياستىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكسپورت ۋە ئىمپورت ساھەسىگە چېقىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

جىھانگىرى يەنە ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىران ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىزچىلىق ئورۇنلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ سانىنىڭ مۆلچەردىنكىدىنمۇ ئاز بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر