ئەنگلىيە ئوماندا ھەربىي بازا قۇرىدۇ

ئەنگلىيە، رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2019 – يىلى مارتتا ئوماندا ئورتاق ھەربىي مەشىق بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1082664
ئەنگلىيە ئوماندا ھەربىي بازا قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋىن ۋىلىيامسون، ئومان بىلەن ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھەمكارلىقنىڭ، يېڭى ئورتاق بازىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن كېلەچەكتىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئومان رەھبەرلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ بېشىدا يېڭى مۇداپىئە كېلىشىملىرى ۋە تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىككى تەرەپ توختاملىرىنى تۈزۈش نىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەنگلىيە، مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەھرەيندە دائىمىي ھەربىي بازا قۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر