لاۋروۋ: ترامپ ئەقىللىق بىر كىشى، رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەقىللىق بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1082404
لاۋروۋ: ترامپ ئەقىللىق بىر كىشى، رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىسپانىيەنىڭ «El Pais» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان جايلاردا تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ۋە ھەر خىل مەسىلىلەردە ئالاقە نۇقتىلىرىنى يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان لاۋروۋ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئەقىللىق بىر كىشى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ رۇسىيە بىلەن مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدىغان بىر ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن نەتىجىسىز توقۇنۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا سىلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بەك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ» دېدى. 

لاۋروۋ سۆھبەتتە يەنە، سۇرىيەدىكى رۇسىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئاگاھلاندۇرۇش نۇقتىسىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر دائىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالدىنقى يىلى مارت ئېيىدا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پالمىرانى بومباردىمان قىلىشى جەريانىدا، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، بۇ ئەھۋالنىڭ تىراگىدېيەلىك نەتىجىلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى ھەر قايسى سەۋىيەدە ئاگاھلاندۇرۇغانلىقىنى، شۇنداقلىقىغا قارىماستىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋروۋ سىنتەبىردە «İl-20» تىپلىق رۇسىيە چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە 15 نەپەر رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر