يەمەندە ھەر 10 مىنۇتتا 1 بالا كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتمەكتە

يەمەندە ھەر 10 مىنۇتتا 1 بالا يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتمەكتە.

1081350
يەمەندە ھەر 10 مىنۇتتا 1 بالا كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ساقايتىش مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەر تۈپەيلى ھەر 10 مىنۇتتا 1 بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم فوندى ئورگىنىغا قاراشلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشخانىسى مۇدىرى ھەيرەت كالابارى، ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

كالابارى يەمەننىڭ سەھىيە ساھەسىدە كۆرۈۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ئۈسىتىدە توختىلىپ: يەمەندە ساقايتىش مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەر تۈپەيلى ھەر 10 مىنۇتتا 1 بالا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى.

«يەمەن ھازىر بالىلارنىڭ دوزىخىغا ئايلىنىپ قالدى»دېگەن كالابارى، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا يەمەندىكى بىر قىسىم بالىلارلا ئەمەس پۈتكۈل يەمەنلىك بالىلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كالابارى يەمەن مىقىياسىدا ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: ھەر يىلى 5 ياشتىن تۆۋەن 30 مىڭ بالا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، ناۋادا بۇ بالىلار يېتەرلىك دەرىجىدە ئوزۇقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسا ئىدى، ئۆلۈپ كەتمەيتتى، دېدى.

يەمەندە 1 مىليون 800 مىڭ بالىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئوزۇقلىنىۋالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كالابارى، بۇ بالىلار ئىچىدە 400 مىڭ بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كالابارى ناچار ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ھاياتى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ %40نىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە ياشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كالابارى يەمەندە ئۆز-ئارا توقۇنۇشىۋاتقان گۇرۇھلارنى ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈش ۋە خەلقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

ئۇزۇندىن بۇيان مۇقىمسىزلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان شىئە ھۇسىي كۈچلىرى، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا.

يەمەننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە يەمەن ئارمىيەسى بىلەن شىئە ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا  ئىتتىپاقداش قىسىملار 2015-يىلى مارتتىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەندە قارشى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار توختاۋسىز داۋاملاشىۋاتقان بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ يەمەندە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن يەمەننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشتى.

سەھىيە بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە كىرىزىس باش كۆتۈرگەن يەمەندە پاكىز سۇنىڭ يېتەرسىزلىكى، يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك بولماسلىقى، دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرىنىڭ كەملىكى تۈپەيلى خولېرا بولۇپ نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىك كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپ بارماقتا.

ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىغا قارىغاندا سەھىيە ۋە ئاشلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، شۇنداقلا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالىلار بولۇپ بارلىق يەمەن خەلقى ئېچىنىلىشق قىسمەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە.


خەتكۈچ: #يەمەن , #خولېرا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر