فىرانسيەدە ئويۇنچۇق ئوغرىسى بىر ئايال قولغا ئېلىندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دۇكانلاردىن ئوغرىلىغان يۈزلىگەن ئويۇنچۇقنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئايال قولغا ئېلىندى.

1081520
فىرانسيەدە ئويۇنچۇق ئوغرىسى بىر ئايال قولغا ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» تۈركچە بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئويۇنچۇق دوككىنى مۇدىرى، دۇكاندىن ئوغرىلانغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ساقچىلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان.

ساقچىلار ئىلان چىقارغۇچى ئايالنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئاز دېگەندىمۇ 1000 دىن ئارتۇق ئويۇنچۇقنى تاپقان.

كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قۇتۇسى بىلەن ساقلانغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك پارىژدىكى ئويۇنچۇق دۇكانلىرىدىن ئوغرىلانغانلىقى ئېنىقلانغان. ساقچىلار يەنە ئايالنىڭ ئايىدىن 40 مىڭ ياۋرو نەخ پۇل تاپقان.

مۇپەتتىشلەر فىرانسيە ئاخباراتلىرىغا ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە بېكارچىلىقتىن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر