سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ ئىنىسى شاھزادە ئەھمەد دۆلىتىگە قايتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ياشايدىغان قېرىندىشى شاھزادە ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز دۆلىتىگە قايتتى.

1079623
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ ئىنىسى شاھزادە ئەھمەد دۆلىتىگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ياشايدىغان قېرىندىشى شاھزادە ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىستىن كېيىن دۆلىتىگە قايتتى.

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ سەلماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات قېرىندىشى شاھزادە ئەھمەد، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان لوندوندىن رىيادقا قايتقان.

شاھزادە ئەھمەدنىڭ قايتىشىغا، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان بولۇش ئېھتىماللىقى تۈپەيلى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن پادىشاھ سەلماننىڭ ئوغلى، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ نوپۇزىنى تەڭشەش يولىدا تاشلانغان بىر قەدەم بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ ھۇسسە بىنت ئەھمەد ئەسسۇدەيرىدىن بولغان 7 ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ ئاخىرقىسى بولغان شاھزادە ئەھمەد، پادىشاھ ئائىلىسىدىكى نوپۇزى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەتتە بىر تۇغقان ئىچىدىكى تەختكە ئولتۇرمىغان بىردىنبىر شاھزادىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋارىسلىق ئەنئەنىسى بويىچە، تەخت ۋارىسلىقى ياش جەھەتتىكى پەرقىگە ئاساسەن چوڭدىن كىچىككە داۋاملىشىدۇ، بىراق پادىشاھ سەلماننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىن سەلمان پادىشاھلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم تەخت ۋارىسى شاھزادە، دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن پادىشاھلىقنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان ھالغا كەلگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن 76 ياشلىق شاھزادە ئەھمەد بولسا، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «ئۆلتۈرۈلگۈچى جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا – ئالدىن تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن – كونسۇلخانا بىناسىغا كىرەر – كىرمەيلا بوغۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى، يەنە ئالدىن پىلانلانغىنى بويىچە، پارچىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر