كەركۈك ۋالىيلىق مەھكىمىسى، دائېشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشنى قارار قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ۋە ئۆي – ماكانلىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم بېرىلىدۇ.

1079620
كەركۈك ۋالىيلىق مەھكىمىسى، دائېشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈكنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەلىي ھۇممادى، دائېش تەرىپىدىن ئۆي – ماكانى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلانغان ھەربىر ئائىلىگە 33 مىڭ دوللار ئەتراپىدا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، رايوننىڭ دائېشتىن قۇتقۇزۇلغىنىغا بىر يىل بولغان بولسىمۇ، كۆچمەن ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ جەھەتتە بەزى قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر تۆلەمنىڭ باغداد ھۆكۈمىتى ئاجىرىتىپ بەرگەن كەركۈك قۇرۇلۇش مەبلىغىدىن ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھۇممادى، مەھەللىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كومىتېتنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە زىياننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن تۆلەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر