ۋاشىنگتون تېھرانغا 12 شەرتنىڭ 6 - ماددىسىنى خاتىرىلەتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران ئېمبارگولىرى دائىرىسىدە تېھراندىن تەلەپ قىلغان 12 شەرتنىڭ 6 – ماددىسىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ئىران تۈزۈمى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

1078680
ۋاشىنگتون تېھرانغا 12 شەرتنىڭ 6 - ماددىسىنى خاتىرىلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 4 – نويابىردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان ئىران ئېمبارگولىرى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا 6 كۈن قالغاندا، مانا بۇ ئىران تۈزۈمىنىڭ نورمال بىر دۆلەتتەك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 6 – شەرت: ئىران تۈزۈمى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، شىئە قوراللىقلىرىنىڭ قورال تاشلىشى، تارقىۋېتىلىشى ۋە قايتىدىن ماسلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇشى لازىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېھران دائىرىلىرىگە 12 تۈرلۈك شەرت قويغان بولۇپ، بۇلار ئورۇندالمىغان تەقدىردە، ئېمبارگولارنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ماي ئېيىدا، ئىران بىلەن 2015 – يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دۆلىتىنىڭ تېھراندىن ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان 12 تۈرلۈك شەرت توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ بىرىنچى قەدەمدە نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ۋە ئېغىر سۇ رېئاكتورلىرى قاتارلىق ئۇران ئىشلەپچىقىرىشقا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.

مىنىستىر پومپېيو، ئىراننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كېلىشىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىران تەۋەلىكىدىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى توختىتىشىنى؛ ئىراندا قاماقتا يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى؛ ئىراننىڭ لىۋان ھىزبۇللاھى، ھاماس ۋە پەلەستىن ئىسلامىي فىرونتى قاتارلىق «تېررورچى گۇرۇپپا» لارغا ياردەم قىلىشنى توختىتىشىنى؛ قوشنىسى ئىراقنىڭ زېمىن مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى؛ شىئە قوراللىقلىرىنىڭ قورال تاشلىشى ۋە قايتىدىن ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

يەمەندە بولسا، ئىراننىڭ ھۇسىيلارنى قوللاشنى توختىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن مايك پومپېيو، يەمەندە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئۇ يەنە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قۇددۇس كۈچلىرىنى قوللاشقا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق بارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، مەزكۇر شەرتلەر ئورۇندالمىغان ئەھۋالدا، بۇ دۆلەتكە تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولىرىنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر