ترامپنىڭ چەت ئەللىكلەرگە دائىر پۇقرالىق قانۇنى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تالاش-تارتىش قوزغىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىشنى مەزمۇن قىلىدىغان قانۇننى بىكار قىلىش توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تالاش-تارتىش قوزغىدى.

1078880
ترامپنىڭ چەت ئەللىكلەرگە دائىر پۇقرالىق قانۇنى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تالاش-تارتىش قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىش قانۇنىنى بىكار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىشىگە، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى پاۋۇل رىيان نارازىلىق بىلدۈردى.

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى ۋە ۋىسكونسىن ئالىي پالاتا ئەزاسى رىيان، كېنتۇكىيىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رىيان مۇنداق دېدى: «بۇنى قىلالمايسىز، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىش قانۇنىنى پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى بىلەن بىكار قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى رىيان، پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك 14-ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ياقلىدى.

مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ ماددىلىرىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ناۋادا بۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان ئىش بولسا بۇ ئىشنى دونالد ترامپ ئەمەس ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىيان: سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغاندا، بىز بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدۇق، بىز كونسىرۋاتىپچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاساسىي قانۇنغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز، دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى ئالىي پالاتا ئەزاسى لىندسېي گىراھام، دونالد ترامپنىڭ پۇقرالىق توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يازغان گىراھام: ئاخىرى بىر پىرېزىدېنت، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىشتەك بىمەنە بىر قانۇننى بىكار قىلماقچى بولىۋاتىدۇ، مەن بۇرۇندىن تارتىپ كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىلمەسلىكىنى ياقلاپ كەلدىم، دېدى.

گىراھام ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىغا دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا مۇۋاپىق بولغان بىر قانۇن لايىھەسى تەييارلاپ چىقىلغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ترامپ ئامېرىكا پۇقراسى بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئامېرىكادا تۇغۇلغان تەقدىردە پۇقرالىق بېرىشنى مەزمۇن قىلىدىغان قانۇننى بىكار قىلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى بىلەن تەلتۆكۈس ھەل  قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دېگەنىدى.

دونالد ترامپنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق بېرىش قانۇنىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنىڭ، پىرېزىدېنتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆز ئالدىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بار  يوقلىقى توغرۇلۇق بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر