ھىندونېزىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىن سۇماترا ئارىلىدىكى پىناڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان « Boeing-737 » تىپلىق ئايروپىلان قوزغىلىپ 13 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ھىندونېزىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 3 ئ بالا بىلەن قوشۇلۇپ 181 ى يولۇچى ۋە 8 ى ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، جەمئىي 189 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان ۋەقەسىدە ساق قالغانلارنىڭ بار – يوقلۇقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
مەزكۇر ئايروپىلان قاراشلىق بولغان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن، 2007 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەنىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ھاۋا قاتنىشى ئېلىپ بېرىشى مەنئىي قىلىنغان شىركەتكە قارىتىلغان چەكلىمە 2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا بىكار قىلىنغانىدى.