دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پارس قولتۇقىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىغا قارىتا ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1077175
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ئالەمى ۋە رەھبەرلىرىنى ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەر (پەلەستىن مەسىلىسى) نىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقا ۋە قۇددۇس بىلەن ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارغا سەل قارىماسلىققا چاقىردى.

قۇددۇسنى ئىشغال قىلىۋالغان، پەلەستىن خەلقىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان ۋە غەززەنى مۇھاسىرە قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەيئەتلىرىنىڭ خەلق ياكى رەسمىي شەكىلدە قوبۇل قىلىنىشى ياكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى ئەيىبلەنگەن باياناتتا، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئىشغالچىلارنىڭ قارشى ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ياكى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ، مەسجىدى ئەقسانى ئىشغال قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلگەن بىر مۇكاپات ۋە «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈنۈگۈن ئومان سۇلتانى قابۇس بىن سەئىد بىلەن ئوماننىڭ پايتەختى مەسقەتتە كۆرۈشكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير بولسا، دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر