ئىلھام ئەلىيېۋ جون بولتوننى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئەزەربەيجان زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1075509
ئىلھام ئەلىيېۋ جون بولتوننى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان بىلەن ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئۇتۇقلۇق ھەمكارلىقلارنى ئورناتقان ئامېرىكىنىڭ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە چارە تېپىش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ، ئەرمېنىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن – پىرىنسىپلارنى مۇشتۇمزورلارچە دەپسەندە قىلغانلىقىنىڭ روشەن پاكىتىدۇر. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردىن دەرھال ۋە شەرتسىز چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. ئەرمېنىيە بۇ قارارغا پىسەنت قىلماستىن، مەۋجۇت ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. بۇ قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بىر ئىشتۇر. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى لازىم. ئەزەربەيجان، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىق دۆلەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىگە ئەزەربەيجان تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورى قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

جوك بولتونمۇ، ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سىياسەت، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئەزەربەيجان بىلەن ئېنېرگىيە، خەلقئارا تېررورىزم، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجانغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولتون، مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدىكى ئەھۋاللارغا ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. بولتون، زىيارەتلىرى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ قاتارلىق بەزى رەھبەرلەرمۇ بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر