سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىكى قۇدۇقتىن سۇ نەمۇنىسى ئېلىندى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىملىرى جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ تەكشۈرۈلىشى دائىرىسىدە، كونسۇلخانا باغچىسىدىكى قۇدۇقنىڭ تەكشۈرۈلىشىگە يول قويمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىكى قۇدۇقتىن پەقەت سۇ نەمۇنىسى ئېلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر تەشكۈرۈشلەر دائىرىسدە ساقچىلار كونسۇلخانا بىناسى ۋە قورو جايلىرىدا پاكىت توپلاشقا تىرىشتى. بىراق، كونسۇلخانا باغچىسىنى ۋە باغچىدىكى بىر قۇدۇقنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار رۇخسەت قىلمىدى. ساقچىلار قۇدۇقتىن پەقەت سۇ نەمۇنىسى ئالالىدى.
ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20 – ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ، قول ئىلكىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن جەمال قاشىقجىنىڭ پىلانلىق بىر جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.