CIA دىرېكتورىنىڭ قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئاۋازلارنى تىڭشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دىرېكتورى گىنا ھاسېپلنىڭ، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار ئاۋاز لىنتىسىنى تىڭشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1075525
CIA دىرېكتورىنىڭ قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئاۋازلارنى تىڭشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دىرېكتورى گىنا ھاسېپلنىڭ، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار ئاۋاز لىنتىسىنى تىڭشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، «ھاسپېلنىڭ يىغىنلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەر» نى مەنبە قىلغان ھالدا قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بىر پارچە خەۋەر تارقاتتى؛ خەۋەردە، ئىسىملىرى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر ئەمەلدارلار مەنبە قىلىنغان ھالدا، ھاسپېلنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئاۋاز لىنتىلىرىنى تىڭشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، مەنبەلەرنىڭ، ئاۋازلارنىڭ «ئىشەنچلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

CİA دىرېكتورى ھاسپېل، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە كەلگەنىدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدا چىققان جېدەلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، جەمال قاشىقجى ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىلەن دەتالاش قىلىشقا باشلىغانلىقى، تالاش – تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلانغانلىقى، نەتىجىدە قاشىقجىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر