ئەنگلىيەدىكى بىر شىركەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى توختىتىپ قويدى

ئەنگلىيەنىڭ ۋىئۇ ( Vue)شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 30 كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى توختىتىپ قويدى.

1073786
ئەنگلىيەدىكى بىر شىركەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى توختىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق كىنو زەنجىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئەنگلىيەنىڭ ۋىئۇ ( Vue)شىركىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 30 كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

گۇردىيان (Guardian) گېزىتى ئەنگلىيەدىكى ۋىئۇ ناملىق شىركەتنىڭ ئابدۇلمۇھسىن ئەل-ھوكايىر گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا 30 كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ۋىئۇ ناملىق شىركەتنىڭ مەسئۇلى ۋە قۇرغۇچىسى تىم رىچاردس: بۇ ساھەسىدىكى شىركەتلەر بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتسا بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز، باشقا شىركەتلەر ئەندىشە ئىچىدە تۇرماقتا، تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىمىز، دېدى.

رىچاردىس يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە بىن سەلماننىڭ ھىمايىسىدە 23-25 -ئۆكتەبىر ئارىسىدا پايتەخت رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «كەلگۈسىگە سېلىنما لايىھەسى»ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2030-يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان مىقىياسىداجەمئىي 300 كىنوخانا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيەنىڭ ۋىئۇ ( Vue)شىركىتى، بۇ يىل فېۋرالدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئابدۇلمۇھسىن ئەل-ھوكايىر گۇرۇھى بىلەن كىنوخانا سېلىش لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە سېلىنما ۋە تېخنولوگىيە شىركىتى ۋىرجىن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى رىچارد برانسونمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى لايىھەنىڭ مەسئۇللىقىنى ۋاقتىنچە ئۆتىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

لوندون پايچىك مەركىزى مەسئۇللىرىدىن دېيۋىد سىھۋىممېرمۇ 23-25-ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا سېلىنما يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى، 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بولسا  قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى»بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر