ياپونىيە ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ بۇرۇنراق ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنقىلاپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1073194
ياپونىيە ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ بۇرۇنراق ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنقىلاپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىيوتونىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت كابېنتى سېكرېتارى يوشىخدې سۇگا ژۇرنالىست جەمال قاشىچقى (خاشۇقچى)نىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

سېكرېتار مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە تۈركىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئارقىلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى دېلوسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

خەۋەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈشىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقىنىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىغاندا يېنىك بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى لايىقىدا تەنقىد قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلۈم توغرۇلۇق ئورتاق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ھېچقانداق باھانە-سەۋەب بۇ ۋەقەنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ، بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.» گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى دېلوسى تولۇق ئېنىقلانمىغۇچە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ھىندونېزىيەمۇ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى دېلوسىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ  قىلىنىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇردى.

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەيرىنى بوگوردىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى توغرۇلۇق بايانات بەرگەن ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، ۋىدودونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇبەيردىن ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى دېلوسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى،  2-ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان جەمال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانسى بىناسىدا يۈز بەرگەن جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى»بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر