سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە تلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

1072939
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA»، پادىشاھ سەلمان بىلەن تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئوغلى سالاھقا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاسى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جەمال قاشىقجى ئائىلىسىگە ۋە يېقىن - يورۇقلىرىغا جىن يۈرەكتىن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، سالاھنىڭمۇ ئۇلارغا رەخمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. 

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2- ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەنچە ئىز دىرەكسىز يۇقۇلۇپ كەتكەن جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانادا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر