سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنىڭ تاشلاپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى دىققەت تارتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا تەۋ دېپلوماتىك نۇمۇر تاختىلىق بىر ئاپتوموبىل ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان غازى رايونىدا تاشلاپ قويۇلغان ھالدا بايقالدى.

1073443
سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنىڭ تاشلاپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى دىققەت تارتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ساقچى ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى يوقۇلۇپ كەتكەن كۈنلەردە سۇلتان غازى رايونىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا تاشلاپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنى تاپتى. 

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى يوقۇلۇپ كېتىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنىڭ تۈرك شوپۇرى تەرىپىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا تاشلاپ قويۇلغان دېپلوماتىك نۇمۇر تاختىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىستانبۇل ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. 

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلىپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر