بوكو ھارام تېررورچىلىرى 12 دېھقاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورچىلىرى بىر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 12 دېھقاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1072930
بوكو ھارام تېررورچىلىرى 12 دېھقاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بوكو ھارام تېررورچىلىرى 12 دېھقاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

نىگېرىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى شەرقىي شىمال كوردىناتورى بەشىر گارگا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ مايدۇگۇرى ۋىلايىتىگە قاراشلىق كاللې يېزىسىدىكى دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گارگا ھۇجۇمدا 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

گارگا ھۇجۇملار سەۋەبلىك 1300 ئادەمنىڭ رايوندىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باش كۆتۈرگەن بوكو ھارام تەشكىلاتى،  2009-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سادىر قىلىپ 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.

بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ چاد كۆلى ھاۋزىسىدا سادىر قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئەڭ ئاز 2000 ئادەم ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر