ئەرەبىستان ئەدلىيە مىنىستىرى «ئەلئەرەبىييە» نىڭ قاشىقجى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدلىيە مىنىستىرى ۋەلىد سامانى، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش مۇساپىسىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1072632
ئەرەبىستان ئەدلىيە مىنىستىرى «ئەلئەرەبىييە» نىڭ قاشىقجى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامانى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇبەي مەركەزلىك «ئەلئەرەبىيە تېلېۋىزىيەسى» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پادىشاھلىقنىڭ قانۇن ۋە ئەدلىيە مۇساپىسىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر تەلەپنىڭ ئوخشاش دېلولارنىڭ ئۇسۇل ۋە مېتودلىرىغا پاراللېل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، قاشىقجى دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش مۇساپىسىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «مەيلى تەكشۈرۈش، مەيلى سوتلاشتا بولسۇن، مۇددەت ۋە رەسمىيەتلەر جىنايى ئىشلار قانۇنلىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ. تەكشۈرۈش ۋاقىت ئالىدۇ ۋە قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشمىدى. باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

سامانى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپاغا بايانات بېرىپ، «قاشىقجى ۋەقەسى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى بىر زېمىندا يۈز بەردى» دېگەنىدى.

رىياد دائىرىلىرى، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدىكى جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، جەمال قاشىقجى ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىلەن دەتالاش قىلىشقا باشلىغانلىقى، تالاش – تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلانغانلىقى، نەتىجىدە قاشىقجىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر