ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1072631
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون بولتون ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بۈگۈن رۇسىيەگە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ ئۇچۇرىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى سېكرېتارى نىكولائى پاترۇشېۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن موسكۋاغا بارىمەن. ئۇچرىشىشلار ئىككى دۆلەتنىڭ ھېلسىنكىدا باشلانغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ داۋامى بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىيۇل ئېيىدا فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىدا كۆرۈشكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.