ترامپ مۇخبىرلارنىڭ قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئالىرىغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، «جاۋابلىرى تېپىلمىغۇچە قانائەت قىلمايمەن» دېدى.

1072555
ترامپ مۇخبىرلارنىڭ قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئالىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدا مۇخبىرلارنىڭ جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك «قاشىقجى توغرىسىدا تەخت ۋارىسى شاھزادە بىن سەلماننىڭ ئالدىن خەۋىرىنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا «بۇ مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

«جاۋابلىرى تېپىلمىغۇچە قانائەت قىلمايمەن» دېگەن ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈشىگە «بۈيۈك بىر قەدەم» دەپ باھا بەردى ۋە تەكشۈرۈشكە ناھايىتى كۆپ كىشىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى ياخشى بىر ئىتتىپاقداش، لېكىن، قىلغانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «سەئۇدىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئىشەنچلىك، دەپ قارامسىز؟» دېگەن بىر سوئالغا، «ھەئە، شۇنداق قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

رىياد دائىرىلىرى، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدىكى جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر