شىمالىي ئىراقتىكى رايونلۇق پارلامېنت سايلاملىرى

شىمالىي ئىراقتىكى رايونلۇق پارلامېنت سايلاملىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

1072339
شىمالىي ئىراقتىكى رايونلۇق پارلامېنت سايلاملىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىندا شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە پارلامېنت سالاملىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، شىمالىي ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلاملار ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

2018 – يىلى 30 – سېنتەبىر كۈنى شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سالاملىرى ئۈچۈن ئەربىل، سۇلايمانىيە ۋە دوھۇكتا ياشاۋاتقان ئىراقلىقلار، رايونلۇق پارلامېنتتىكى 111 پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلاملىرى ئالدىنقى يىللاردىكى سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەم ناھايىتى ھاياجانسىز ئۆتتى، ھەم سايلام كۈنى يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر كەڭ دائىرىلىك تالاش – تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.

بۇ سايلاملارنىڭ ئۇقۇمى ۋە شەرت – شارائىتى جەھەتتىن 2009 – ۋە 2013 – يىلقى سايلاملاردىن ئىككى تۈرلۈك مۇھىم پەرقى باردۇر.

بۇ قېتىمقى سايلاملارنىڭ ئالدىنقىلىرىدىن ئەڭ مۇھىم پەرقى، ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق سايلاملارنىڭ دەل ئەكسىچە، رايونلۇق رەھبەر سايلاملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكىدۇر.

2017 – يىلقى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن مەسئۇد بارزانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بوشلۇقتىن سىرت يەنە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاساىي قانۇن» نى، باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە تەكرار سايلىنىشىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار ئوتتۇرىغا چىققانلىقتىن، سايلاملار بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلەلمىدى. شۇ ۋەجىدىن، 30 – سېنتەبىر كۈنى پەقەت رايونلۇق پارلامېنت سايلىمىلا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سايلامنىڭ ئالدىنقىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان يەنە بىر تەرىپى، ئىلگىرىكى سايلاملارغا قارىغاندا ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەزگىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدۇر.

يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە بولۇپمۇ سۇلايمانىيە ۋە شەرقىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار  سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار قاتتىق باستۇرۇلدى. شۇڭا، خەلقنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.

سايلام توغرۇلۇق ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، سايلىغۇچىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى سايلاملاردىكىدىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىدى. 2013 – يىلقى سايلامدا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى % 73 ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقى سدايلاملاردا % 57.96 سەۋىيەسىدە قالدى.

ئەسلىدە سايلام كۈنى ئوچۇق مەنبەلەردە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئانالىزلاردا، بۇ  نىسبەتنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتاتتى.

ھەم ئەربىلدە ھەم سۇلايمانىيەدە ساندۇقلار تاقالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كېيىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتلار ئوتتۇرىسىدا % 10 لىك پەرق باردۇر. بۇ ئەھۋالمۇ تەبىئىي رەۋىشتە ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىگە قارىتا گۇمانلارنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان كورد ۋەتەنسۆيەرلەر بىرلىكى، يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى قاتارلىق پارتىيەلەر، ئەربىلدە ۋە سۇلايمانىيەدە يالغان كىملىكلەر ئىشلىتىلىتىپ، سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ھىيلىگەرلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە، ئوچۇق مەنبەلەرنىڭ فوتو سۈرەتلىرى ۋە ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىدە، ئاۋاز بېرىش تاماملانغاندىن كېيىن قوراللىق كىشىلەرنىڭ سايلام مەركىزىگە بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە ھەرقايسى پارتىيەلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن گۇۋاھچىلارنى دۈشكەلىگەنلىكى، ھەتتا ساندۇققا مەسئۇل خادىملارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، سايلاملاردا ھەرقايسى پارتىيەلەر ئېرىشكەن ئاۋازلارنىڭ مىقدارى ۋە نىسبەتلىرىگە قاراپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى ئانالىز قىلىش ناھايىتى قىيىندەك قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقنىڭ تاللاشلىرى بولۇپمۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى قوللىشى مەسىلىسىدە بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان كورد دېموكراتىك پارتىيەسى، كۈتۈلۈۋاتقىنىدەك سايلامدا غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى بولدى.

سايلام نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كورد دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا 45 ئەتراپىدا ئورۇندۇققا ئېرىشىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاز سانلىقلار سانىدىن پارلامېنتقا كىرگەن 11 پارلامېنت ئەزاسىدىن كەم دېگەندە 9 ى كورد دېموكراتىك پارتىيەسى تەرەپدارلىرىدىن سايلانغاندەك قىلىدۇ.

سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، كورد دېموكراتىك پارتىيەسى 2 ياكى 3 ئورۇندۇق بىلەن پارلامېنتتا تەستىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن شەرت بولغان 56 ئورۇندۇققا ئېرىشەلەيدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، سايلامنىڭ ئەڭ مۇھىم غالىبى كورد دېموكراتىك پارتىيەسى دېيىش مۇمكىن.

كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسى بولسا بارلىق ئېتىرازلارغا ۋە سايلام كۈنى ئوتتۇرىغا چىققان شۇنچە كۆپ مەسىلىلەرگە قارىماي تەكرار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. دەرۋەقە، كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

پارلامېنتتىكى كۈچىدىن سىرت يەنە، پارلامېنت ئەزالىرى سانى كورد دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىچىلىك كېلىدىغان كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسىنىڭ كۈچىنى مۆلچەرلەش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسىنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن ئەڭ مۇھىم پەرقى، ھەربىي كۈچى ۋە كەڭ دائىرىلىك تەشكىلىي قۇرۇلمىسى سايىسىدا كورد دېموكراتىك پارتىيەسى ياكى باشقا پارتىيەلەردىن ئۆزىگە كېلىدىغان بېسىملارغا باش ئەگمەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇشىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، بەرھام سالىھنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى بىلەن، كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان داۋالغۇشلۇق دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىندۇر.

ئالدىنقى قېتىملىق سايلامدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن گوران ھەرىكىتى بولسا، شۇ قېتىمقى سايلامدىن كېيىن داۋاملىق كەينىگە چېكىنمەكتە. گوران ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى نەۋشىرۋان مۇستافانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پارتىيەدە رەھبەرلىك رىقابىتى ۋە پېشقدەم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يېڭى رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلار بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

ئالدىنقى قېتىمقى سايلامغا قارىغاندا ئورۇندۇق سانى ۋە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى مەۋجۇت رەھبەر ئۆمەر سېيىت ئەلىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى پارتىيەسى، 2018 – يىلى ماي ئېيىدىكى سايلامغا سېلىشتۇرغاندا بىرئاز كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالىدى.

گوران ھەرىكىتى كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن تەقدىردە، كورد دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن كورد ۋەتەنسۆيەرلەر پارتىيەسىنى ياقتۇرمايدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ يېڭى ئادرېسى، يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى پارتىيەسى بولۇشى مۇمكىن.

سايلام باسقۇچى ۋە نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى مەۋجۇت ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي مايىللىقلار ئىزچىل داۋاملاشقان تەقدىردە، رايوندا مەۋجۇت سىياسىي  تەشكىلاتلار ھەل قىلىش چارىسى تاپالمايدىغان بىر قالايمىقانچىلىقنىڭ يامراپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدۇر.

خەلقنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلارغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىشىمۇ سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇ ۋەجىدىن، شىمالىي ئىراق بەسرە شەھىرىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىن تامامەن چىقىپ كېتىشى ۋە قانلىق باستۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن.

بۇ مەسىلىگە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، يەرلىك، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئەنقەرە – ئەربىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەۋجۇت شەرت – شارائىتلارغا ئاساسەن قايتىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئېيتقاندا، ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئۆتمۈشكە قايتىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق، شۇ ئېھتىماللىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئورتاق كېلەچەك ئۆزئارا مەنپەئەتلەر چىقىش نۇقتا قىلىنغان ۋە شەرت – شارائىتلار نەزەردە تۇتۇلغان ئاساستا قايتىدىن شەكىللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر