ئافغانىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
ئافغانىستان خەلقى پارلامېنت سايلاملىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.
1072396
![ئافغانىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/07f8/1c81/0b85/5b6d4e8038b41.jpg?time=1719131594)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلىغۇچىلار ئەتىگەندىن باشلاپ، سايلام مەركەزلىرىگە بېرىپ، مىللىي مەجلىستە ئۆلىرىگە ۋەكللىك قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقتا.
8 مىليون 800 مىڭ سايلىغۇچىسى بار ئافغانىستاندا، 2 مىڭ 558 پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى رىقابەتلەشمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتتە تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى.