كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جامال قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاقلانماسلىقى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1071879
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جامال قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، چېگرا ھالقىغان ژۇرنالىستلار تەشكىلاتى ۋە ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەركىزىدە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۆكتىچى ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق سەۋىيەدە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى روبېرت ماھونېي، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋەقەنى ئۆز ۋاقتىدا، ئىشەنچىلىك ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ياردەم ئېلىشى لازىم، چۈنكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا داخىل بولۇشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاقلىنىشى، ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ رىياد بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ تېگى – تەكتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتىدۇر.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى لوئىس چاربوننامۇ جامال قاشىقچىنىڭ ئائىلىسى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن خەۋەر تېپىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يورك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى دىرېكتورى شېرىنې تادروس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەقەنى ئىشەنچىلىك ھالدا تەكشۈرمىگەن تەقدىردە، سەئۇدى ئەرەبىستان سامالىرىدىكى گۇمانلىق قارا بۇلۇتلارنىڭ تارقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى تەكشۈرۈشنىڭ تۈركىيەگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر