ئامېرىكىلىق راھىب كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق راھىب داۋىد پۇلسون چاركاۋدا بىرسى 8 ياشلىق، يەنە بىرسى 15 ياشلىق ئىككى كىچىك بالىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1071060
ئامېرىكىلىق راھىب كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنسىلۋانىيە باش مۇپەتتىشى جوش شاپىروننىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئېرې» باش روھانىيلىق رايونىدا، 40 يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان راھىپ داۋىد پۇلسوننىڭ بىرۇكۋىللەدىكى سوت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا قارىتىلغان «كىچىك بالىلارنى جىنسىي سۇيىئىېتمال قىلىش» ۋە «كىچىك بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى خەۋپكە ئىتتىرىش» جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

راھىپ داۋىد پۇلسوننىڭ بىر كىچىك بالىغا بىر قانچە قېتىم تاجاۋۇز قىلغانلىقى، يەنە بىر بالىنىمۇ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدە بۇ بالىلارنىڭ بىرسى 8 ياشتا، يەنە بىرسى 15 ياشتا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

راھىپ داۋىد پۇلسوننىڭ ئۈستىدىكى 8 خىل ئەيبىلەشتىن ئاران ئىككىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، قانچىلىك جازا بېرىلىدىغانلىقى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. 

پېنسىلۋانىيەدە كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش شەرمەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان يۈزلىگەن كاتولىك راھىپلاردىن بىرسى راھىپ داۋىد پۇلسون بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى باش مۇپەتتىشى جوش شارپىرو 2 يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئالدىنقى ئاي ئېلان قىلغان باياناتىدا، پېنسىلۋانىيە ۋە ۋاتىكاندىكى پىشقەدەم چىركاۋ رەھبىرىلىرىنىڭ چىركاۋلاردىكى كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

تەكشۈرۈشنى باھالىغۇچى مەسئۇللارمۇ 300 دىن ئارتۇق راھىپنىڭ 1950يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان كىچىك بالىلارنى جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان رىم كاتولىك چىركاۋىغا قاراشلىق يۈزلىگەن راھىپنى بىردىن ئارتۇق كىچىك بالىغا باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

باھالىغۇچىلار دوكلاتىدا، بەزى ئارخىپلارنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە جىنىسي سۇيىئىستېمال قۇربانى بولغان بەزى بالىلارنىڭ بايانات بېرىشتىن قورققانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان كىچىك بالىلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. 

جىنسىي سۇيىئىستېمال قوربانى بولغان كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكى تەرەپكە ئاللاھىدە دىققەتنى تارتقان ئەدلىيە باھالىغۇچىلىرى، چىركاۋلاردا باسقۇنچىلىققا قەدەر سوزۇلغان ھەر تۈرلۈك جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر