ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېفان دې مىستۇرا ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1070955
ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستېفان دې مىستۇرا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنغاندىن كېيىن، «نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى پۈتۈنلەي خۇسۇسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىمەن» دېدى.

ب د ت نىڭ سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە 4 يىل 4 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىستېفان دې مىستۇرا، ئالدىدا تېخى بىر ئاي ۋاقىت بارلىقىنى ۋە سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش ئۈچۈن بۇ بىر ئايدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ كەم دېگەندىمۇ %30 ىنىڭ ئاياللاردىن تەشكىل تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن مىستۇرا، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر سىياسىي تەرەپنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ، «ئىشەنچلىك ۋە مۇۋازىنەتلىك بىر كومىتېت بولمايدىغان بولسا، ئۇنى قۇرمايدىغانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە دەمەشىققە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىستۇرا، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرىنى كېڭىشىش ئۈچۈن جەنۋەگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر