ئامېرىكا ئىراقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان، ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1068704
ئامېرىكا ئىراقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان، ئىراقتا ئادىل ئابدۇلمەھدى تەرىپىدىن قۇرۇلۇشى كۈتۈلىۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئابدۇلمەھدىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ پايتەخت باغدادقا كەلگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كېڭەش  قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە خەلقئارانىڭ ئىراقنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش خىزمەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.

جون سۇللىۋان ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئادىل ئابدۇلمەھدىنى تەبرىكلەپ: ئامېرىكا ئىراق ۋە قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنى قوللايمىز، دېدى.

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ 2-ئۆكتەبىردە ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئادىل ئابدۇلمەھدىگە تاپشۇرۇغانىدى.

ئادىل ئابدۇلمەھدى ھۆكۈمەتنى بىر ئاي ئىچىدە قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر