گېرمانىيەدە بىر ئايروپىلان پىيادە يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ئۈسۈپ كىردى

گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئۆلكىسىدە «Cesna» تىپلىق بىر ئايروپىلان يولدىن چىقىپ كېتىپ، پىيادە يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ئۈسۈپ كىردى.

1068846
گېرمانىيەدە بىر ئايروپىلان پىيادە يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ئۈسۈپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ساقچى مەسئۇللىرى ۋاسسېركۈپپە يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلان يولىغا قونۇشتا قىينالغانلىقىنى ۋە قايتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلمەچى بولغىنىدا ئايروپىلاننىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىپ، پىيادە يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئاز دېگەدىمۇ 8 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋاسسېركۈپپە يېزىسىدىكى ئايروپىلان يولىنىڭ ئايروپىلان ئۇچۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن تەنتەربىيەچى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر