ئافغانىستاندا بىر توي ئەسناسىدا بومبا پارتلىدى
ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدىكى بىر توي ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1068392
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوگار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى شاھپۇر ئاھمەدزاي، لوگارنىڭ مۇھەممەد ئاغا ناھىيەسىدە بىر توي زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 7 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.