خىتاينىڭ سېررالېئوندىكى ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

سېررالېئون ھۆكۈمىتى خىتاي تەرىپىدىن ياسالماقچى بولغان ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى لايىھەسى كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1066767
خىتاينىڭ سېررالېئوندىكى ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېررالېئون ئاۋېئاتسىيە ئىشلىرى مىنىستىرى كابېنېھ كاللون سابىق پىرېزىدېنت ئېرنېست باي كوروما تەرىپىدىن خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن 318 مىليون دوللارلىق ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى لايىھسى كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىر كاللون خىتاينىڭ ئايرودورۇم قۇرۇلىشى ئۈچۈن بېرىشى پىلانلانغان قەرزنى سېررالېئون ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرالتايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ لايىھەنىڭ ئەسلىدىنلا زورۇرىيىتى يوقلۇقىنى، مەۋجۇت ئايرودورۇمنى رېمۇنت قىلىشنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر كاللون بۇ كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى سەۋەبىدىن قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

سېررالېئوندا مارت ئېيىدا سابىق پىرېزىدېنت كوروما تەرىپىدىن خىتاي بىلەن ئىمزالانغان يېڭى ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى لايىھەسى كېلىشىمى دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندىي تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى. 

خىتايدىن ئالغان قەرز بىلەن ياسالماقچى بولغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2022يىلى تاماملىنىشى پىلانلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر