باش كاتىپ گۇتېررېس قىبرىس دوكلاتىنى ب د ت غا سۇنۇشقا تەييارلانماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، قىبرىس مەسىلىسىگە مەسئۇل مۇۋەققەت مەسلىھەتچىسى جېين لۇتېنىڭ دوكلاتىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنىدۇ.

1066821
باش كاتىپ گۇتېررېس قىبرىس دوكلاتىنى ب د ت غا سۇنۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، قىبرىس مەسىلىسىگە مەسئۇل مۇۋەققەت مەسلىھەتچىسى جېين لۇتېنىڭ تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان دوكلاتىنى 15 – ئۆكتەبىردە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنىدۇ.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك مەزكۇر دوكلات توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لۇتېنىڭ قىبرىس مەسىلىسى بويىچە بارلىق تەرەپلەر بىلەن كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە باش كاتىپقا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇجاررىك، ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ دوكلات توغرىسىدا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قىبرىس دوكلاتى، 15 – ئۆكتەبىردە گۇتېررېس تەرىپىدىن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ، 30 – ئۆكتەبىردە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇتېررېس قىبرىس مەسىلىسىنى قايسى خىل ئۇسۇل بويىچە ھەل قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاقىنجى، قىبرىس دوكلاتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ب د ت دا ئېلان قىلىنىشى بىلەن رىم رەھبەر نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشۈشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ بەك ئۇزۇن بولمىغان بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەنىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي بولسا، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «سۆھبەتلەرنى توختاپ قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرايلى» دېيىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى، غەلىبىگە ئېرىشتۈرمەيدىغان سۆھبەتلەرنىڭ قىبرىسنى تېخىمۇ بەك پارچىلىۋېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر