گېرمانىيە قاماقتىكى ئىرانلىق دىپلوماتنى بېلگىيەگە قايتۇرۇپ بەردى

ئاۋستىرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئىرانلىق دىپلومات، فىرانسىيەدە ئىران ئۆكتىچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىيۇل ئېيىدا گېرمانىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

1065975
گېرمانىيە قاماقتىكى ئىرانلىق دىپلوماتنى بېلگىيەگە قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2014 – يىلىدىن بۇيان ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېيىننادىكى ئىران ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسەدۇللاھ ئەسەدى، ئەلچىخانا قارمىقىدا ئىران ۋە چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى كۆزىتىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەسەدى، فىرانسىيەدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئىران ئۆكتىچىلىرىگە قارشى سادىر قىلىنىشى پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى ئىكەن.

مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ، 30- ئىيۇندا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا يېقىن جايدىكى ۋىللېپىنتېدە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ مەركەزلىك «ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كېڭىشى» ئەزالىرى ئىشتىراك قىلىدىغان بىر پائالىيەت ئەسناسىدا سادىر قىلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. شۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا ھاكىمىيەتكە قارشى 25 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانىدى.

ئەسەدى، ھۇجۇمنى سادىر قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەدە ياشايدىغان بىر جۈپ ئەر – ئايالغا 500 گرام ئېغىرلىقتىكى پارتلاتقۇچ ماددىنى تېپىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. مەزكۇر ئەر – ئايال، ھۇجۇم سادىر قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېلگىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈپ قالغان؛ شۇنىڭ بىلەن، ۋەقەنىڭ ئالدى ئېلىنغانىدى. بۇ ئىش يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەرتىسى ياۋروپا مىقياسىدا ئەسەدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

بېلگىيە، گېرمانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن باۋيېرادا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەسەدىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. باۋيېرادىك سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە بىريۇسسېلدىكى باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغانىدى.

گېرمانىيە، سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 46 ياشلىق ئەسەدىنى تۈنۈگۈن بېلگىيەگە قايتۇرۇپ بەردى.

ئەسەدىنىڭ گېرمانىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى، دىپلوماتىك چېقىلالماسلىق ھوقۇقى پەقەت ئاۋستىرىيەدىلا كۈچكە ئىگە بولغانلىقى؛ بېلگىيە ۋە ياۋروپا مىقياسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن مۇمكىن بولغانىدى.

تېھران بولسا، دىپلوماتلىرىغا ئالاقىدار قانۇنىي مۇساپىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر